شېنجىندا بىر كىشى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان

ئىستانسىمىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر نەپەر خىتاي شېنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويغان. ئەتراپتىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئەھۋالنى بايقاپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەمما، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ 90 پرسەنتى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتىي خەۋپ ئىچىدە ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى يۈەن ئەنپىڭ بولۇپ، يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ كىشىنىڭ ئوغلى بىلەن ئارىسىدا كېلىپ چىققان زىددىيەت سەۋەبلىك ئۆزىنى كۆيدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىستانسىمىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تارقاتقاندا، بۇ كىشى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان سەزگۈر ئورۇن بولغان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ۋەقەنى شېنجىندىكى "غەربىي ئازادلىق يولىدا يۈز بەردى" دەپ ئاتىغان.  

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت