ۋېن جياباۋ تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنى بۆلگۈنچىلەرگە ئارتتى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 14-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى، ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە توختالدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ۋېن جياباۋنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى «بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى تىبەت راھىبلىرىنى كۈشكۈرتۈشى بىلەن يۈز بەرگەن ۋەقە. بۇ تىبەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپلا قالماي، بەلكى تىبەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان «خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تىبەتلىك قېرىنداشلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرمەسلىككە دەۋەت قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ۋېن جياباۋنىڭ «بىز تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەم ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر بۆلىكى، تىبەت خەلقىمۇ خىتاي خەلقىنىڭ قېرىندىشى، شۇڭا بىز تىبەت قېرىنداشلىرىمىزنى ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزىنى كۆيدۈرمەسلىككە چاقىرىمىز» دېگەن سۆزى بېسىلدى.

بۇلتۇردىن بۇيان تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ‹مەدەنىيەتنى يۇيۇش سىياسىتى› تىبەتلىكلەرنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت