ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-03-15
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناۋاز شېرپنىڭ ھەرىكىتىنى ساقچىلار باشتىلا چەكلىگەن بولۇپ، بىراق ئۇ يەنىلا ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. ناۋاز شېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى لاھوردىكى ئۆيىدە تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپلىگەن ئۆكتىچىلەر لاھوردا نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشلار جۈمە كۈنى باشلانغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىققان، نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتقان، ساقچىلار بولسا، نامايىشچىلارنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنى ئاتقان.
ناۋاز شېرىپ ئۆكتىچى نامايىشچىلارنى ئىسلامئابادقا بېرىپ، ھۆكۈمەتتىن ئالىي سوتچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ئىلھام بەرگەن.
ناۋاز شېرىپ ئەينى ۋاقىتتا بىنەزەر بۇتتو بىلەن بىرلىكتە سابىق پرېزىدېنت مۇشەررەپكە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بىنەزەر بۇتتو ئۆلگەندىن كېيىن، مۇشەررەپ ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، پاكىستان پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى بىنەزەر بۇتتونىڭ ئېرى ئاسىف زەردارى زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تاكى ھازىرغىچە مۇشەررەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ئالىي سوت ھېيئىتى ۋە ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن ئىدى. بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار پاكىستاندا يېڭى ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى.