پاكىستان ش. تۈركىستان جەڭچىلىرىگە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك جۈمە كۈنى بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن ئىسلامئابادنىڭ پاكىستان - ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرىسىدىكى تاغلىقلاردا توپلانغان ش. تۈركىستان جەڭچىلىرىگە قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. راخمان مالىكنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالىك، ش. تۈركىستان جەڭچىلىرىنىڭ پاكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تاغلاردا تالىبانلار ۋە باشقا گۇرۇھلار بىلەن "گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغانلىقى" نى ئەسكەرتىپ، پاكىستاننىڭ قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى بولسا يەنە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىز تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز. قولغا چۈشكەنلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ... ئۇلار ئىككىلەنمەي خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم." ئۇ يەنە خىتاينىڭ پاكىستان ساقچى قىسىملىرىنى ئاخبارات ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 9 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. پاكىستان بۇ ھەرىكىتى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، مۇساپىرلارنى قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى ئاياغ - ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

راخمان مالىك يەنە، "مېنىڭچە، ئۇلار ھەرىكىتىنى يەنە مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى سۋات ۋادىسىدىن ئايرىلغان، ئۇلارنىڭ قايتا ئۇيۇشۇش ئېھتىماللىقى بار. لېكىن بىز پۈتۈن ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىگە يول قويمايمىز" دېگەن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت