پاكىستاندا بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەردى

يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىن 100 كىلومېتىر نېرىغا جايلاشقان چاكۋال دېگەن جايدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتى يېنىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بۇ پارتلاشتا 22 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ۋەقەنى كۆرگەن كىشىلەر پارتلاتقۇچىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق بالا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. بۇ كۈنى مەزكۇر جايغا 1200 دىن ئارتۇق شىئە مۇسۇلمانى توپلىنىپ، دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىكەن.
 
بۇ پاكىستاندا يېقىنقى ۋاقىتلار ئىچىدە شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئېغىر ھۇجۇم ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 4 - ئاپرېل كۈنى ئىسلامئابادتىكى بىخەتەرلىك ساقلاش قىسىملىرى جايلاشقان ئورۇندىمۇ ئۆزىنى پارتلىتىۋېتىش خاراكتېرلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 8 ئادەم ئۆلگەن، بىر قانچە ئادەم يارىلانغان ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت