جەسۇر ئانا پاتىگۈل غۇلامنىڭ كامال قىلىچدارئوغلىغا يازغان ئوچۇق خېتى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىگە تاپشۇرۇلدى

ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن پاتىگۈل غۇلام ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىزدا بىر پارچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان؛ ئوچۇق خەت ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان تۈركىيىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى كامال قىلىچدارئوغلىغا قارىتىلغان ۋە خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىلىچدارئوغلىغا بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خەت تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ۋە قىلىچدارئوغلغى پارتىيە باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مەركىزى ئورگىنىغا تاپشۇرۇلغان.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ قىلىچدارئوغلىغا يازغان ئوچۇق خېتى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان «شەرقى تۈركىستان»، «مائارىپ» ۋە «ئۇيسام» قاتارلىق توربەتلەردىن باشقا يەنە، تۈركچە «ۋاران ھابەر» ناملىق خەۋەر تورىدىمۇ ئېلان ئېلان قىلغان. پاتىگۈل غۇلامنىڭ خېتىدە، 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر غايىپلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر غايىپلار مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

تولۇق بەت