برىنىسلاۋ كوموروۋسكى 2011-يىلنىڭ ئاخىرلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، پولشىدىكى تىبەتنى قوللايدىغان ئاممىۋى گۇرۇھلار ئۇنىڭدىن خىتاي زىيارىتىدە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بىراق كوموروۋسكى خىتايدا تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.
بۇ قېتىم ئۇ، پولشىدىكى تىبەتنى قوللايدىغان ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن.
يېقىندىن بۇيان تىبەت ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، خىتاينىڭ سىچۈەننىڭ ئابا قاتارلىق تىبەت ناھىيىلىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خەلقئارا تىبەتنى قوللاش تورى، دەيدىغان تەشكىلاتمۇ يېقىندا تىبەت قوللاپ بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تىبەتكە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابا، دراگو قاتارلىق تىبەت ناھىيىلىرىدە تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.