خىتايدىكى پويىز ھادىسىسىدە 35 ئادەم ئۆلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 23-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجوۋ شەھىرى بىلەن خۇاڭجوۋ شەھىرى ئارىسىدىكى تېز سۈرئەتلىك پويىز سوقۇشۇپ كېتىش ھادىسىسىدە 35 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىيلەشتۈرۈلدى ھەمدە ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيداننى تازىلاش ئىشلىرى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2007-يىلى مەزكۇر تومۇر يوللاردا ماڭىدىغان تېز سۈرەتلىك پويىزنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 200-250 كىلومېتىر دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما پويىزلار نورمالدا 150 كىلومېتىرلىق سۈرەتتە ماڭغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە سابىق خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرى ليۇ جىجۇئۈن خىزمەت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن مىنىستىر تەيىنلەنگەندىن كېيىن يۈزبەرگەن پاجىئە ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى پويىز ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى بۇيرۇق چىقىرىپ، تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ۋە پويىز يوللىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە پويىزلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىملىق تۆمۈر يول ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخس ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت