خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ ۋېنجۇدىكى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى سوراشنى چەكلىدى

ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيىسىدە پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 30 نەچچە كىشى ئۆلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي جامائەت پىكرىدە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ئىنتىلىش پەيدا بولغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مۇخبىرلارغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ۋەقەنى ئېنىقلاش ۋە خەۋەر قىلىش داۋامىدا، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى سورىماسلىق ۋە ۋەقەنىڭ تەسىلاتىنى بايان قىلماسلىقىنى بۇيرۇغان. دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى مەلۇم بىر شەخسىي توربەت ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

غەيرىي ئەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتلىك قۇرۇلۇش پىلانىغا ئايرىلغان پۇلنىڭ، ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قاقتى -سوقتى قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت