خىتاي «تېررورچى» لارنىڭ پۇل-مېلىنى توڭلىتىشنى قانۇنلاشتۇردى

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، بۈگۈن تېررورلۇققا ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لايىھىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ مال-بىساتىنى توڭلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر لايىھىنىڭ مۇزاكىرىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ-ئۆتمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. ئەمما خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەنئەنىسىدە ئۆكتىچى بىر پىكىرگە ئورۇن بولمىغاچقا، مەزكۇر لايىھىنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى شەك-شۈبھىسىز دەپ قارالماقتا.

خىتايدا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە چېتىشلىق كىشىلەرلا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنمەكتە. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر قانۇننى، ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن بېسىلغان يەنە بىر قەدەم دەپ تەنقىد قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت