قاغىلىقتا، دائىرىلەر ئۆسمۈر بالىلارنىمۇ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىگە قول قويدۇردى

قاغىلىق ناھىيىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئاممىۋىي تەشۋىقات يىغىنى ئېچىلغان. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ناھىيىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان.

خەۋەردە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى بايان قىلىنمىغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمى ۋەزىيىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى مەلۇم.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە 12 - 15 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ كۆپ ساندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ ۋەقەلەردىن، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە، ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنىمۇ مۇھىم نازارەت ئوبېكتى قىلىپ بېكىتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئەمما، مەخسۇس ئۆسمۈر بالىلارغا قارىتىلغان بۇ خىل تەشۋىقات ۋە نازارەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكىنىدىن باشقىچە نەتىجە بېرىشىمۇ تەخمىن قىلىنماقتا.

يەنى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى بالدۇرراق ھېس قىلىشى، ئۇلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ئىدىيىسى تېخىمۇ بالدۇر يېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت