ياپونىيە ئىلغار سەۋىيىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرماقچى

ياپونىيە ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، ياپونىيە دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىلغار سەۋىيىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كيوتو ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ئىلغار قالقان سىستېمىسى ياپونىيىدىكى بارلىق ھاۋا ئارمىيە بازىرىغا بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە قارىغاندا بۇ نۆۋەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قالقان سىستېمىسى “ ۋەتەنپەرۋەر ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان – 3 تىپلىق توشۇغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن تەركىب تاپىدىكەن. بۇلار يېقىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى يېتەكچىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

ياپونىيىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرى كورىيە يېرىم ئارىلىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي سېلىنمىسىنى بارغانچە ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت