مۇھىت گۇرۇپپىلىرى قاناس كۆلىدىن ئۆتىدىغان گاز تۇرۇبىسىدىن ئەندىشە قىلماقتا

خىتايدىكى مۇھىت قوغداش گۇرۇپپىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەتنامە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاناش كۆلى رايونىدىن ئۆتىدىغان خىتاي-رۇسىيە گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2006- يىلى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى رۇسىيە گازپروم شىركىتى بىلەن 4 مىڭ كىلومېتىرلىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ 2 مىڭ كىلومېتىر قىسمى قاناس كۆلى رايونىدىن ئۆتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پىلاننى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى مۇھىت قوغداش پائالىيەتچىسى ۋاڭ يوڭچېن خانىم خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر لىنىيە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە ۋاڭ يوڭچېن: بۇنداق دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش قارارى پەقەت بىر نەچچە ھۆكۈمەت ئەمەلدار تەرىپىدىن چىقىرالماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەممىدىن ئەلا دەپ قارايدىغان ئەمەلدارلار بۇنداق قارارنى تېخىمۇ چىقارماسلىقى كېرەك، دېگەن.

باش شتابى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھەردىكى مۇھىت قوغداش تەشكىلاتى «يېشى دەريا» گۇرۇپپىسىدىكى شوڭ ياڭ خىتايدىكى كۆپلىگەن مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ قاناس كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت