ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان

شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 10 ‏-كۈنى يەنە يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان. ھەرىكەتكە" قەبىھ زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى" دەپ نام بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ج خ نازارىتىنىڭ بۇ ھەرىكەت ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ قاتتىق ھالدا تەلەپ قىلىنغان. گەرچە بۇ ھەرىكەت ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇقتۇرۇشلارنىڭ مەزمۇنىدا، ھەرىكەتنىڭ سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكى ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان، يەنى ئاتالمىش "3خىل كۈچلەر" نىشان قىلىپ كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ھەرىكەتنىڭ غايىسىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش دەپ كۆرسىتىلگىنىگە قارىغاندا، ھەرىكەتنىڭ ئاساسى زەربە نىشانىنىڭ يەنىلا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي، سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرگە قارشى ئاكتىپلار ۋە نارازى بولغۇچى قاتلاملار ئىكەنلىكى مەلۇم. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھەرىكەت داۋامىدا " تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قارىتا نەق مەيدانغا بالدۇر بېرىش، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنىڭ ۋە ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" تەكىتلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ۋەقە ھەققىدە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ: "دۇنيادا كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقى ئەڭ ئەقەللىي ھەق دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جايغا توپلىشىشىنىڭمۇ تەھدىت دەپ قارىلىشى ۋە بۇنىڭ ئاشكارا بايان قىلىنىشى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىكى ئېغىر چۈشىنىشنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دېدى.

يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ۋاڭ لېچۈئەن دەۋرىگە ئائىت مۇقىملىق تەدبىرى بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان مۆتىدىل توندا گەپ قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان جاڭ چۈنشيەننىڭ ئەمدىلىكتە مۇقىملىق تەدبىرلىرى مەسىلىسىدە ۋاڭ لېچۈئەن دەۋرىگە قايتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولماقتا.

تولۇق بەت