خىتاي، قازاقىستاننىڭ قورغاس رايونىغا 70 مىڭ ئىشچى يۆتكەشنى پىلانلىماقتا

لوندوندا چىقىدىغان تېلىگراپ گېزىتىنىڭ 23 ‏-نويابىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قازاقىستاننىڭ قورغاس رايونىدا 6000گىكتار كۆلەمدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بەرپا قىلماقچى ۋە بۇ رايونغا كېلەر يىلى 70مىڭ ئىشچى يۆتكىمەكچى
ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر پىلان ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن؛ تېخى رەسمىيلەشمىگەن كېلىشىم بويىچە، خىتاي مەزكۇر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندا زاۋۇت-فابرىكا تەسىس قىلىدۇ، خام-ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ ھەم 70 مىڭ ئىشچى يۆتكەيدۇ. قازاقىستان تەرەپ بولسا بۇ پىلان ئارقىلىق، قوشنا دۆلەتلىرىگە خام ماتېرىيال ئېكىسپورت قىلىش ئورنىغا، مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلىشنى كوپەيتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. پىلان ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن قازاقىستان پارلامېنتىدا تەستىقتىن ئۆتۈشى كېرەك. پات يېقىندا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان بۇ پىلان ھازىردىن باشلاپ قازاقسىتان سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى پەيدا قىلماقتا.
مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقسىتان تەرەپنىڭ قورغاس بازىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى ئەسقەت مۇھەممەدىف، بۇ پىلاننىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇرۇن بېيجىڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن قازاقىستاننىڭ سابىق باش ئەلچىلىرىدىن مۇرات ئەۋىزوف، مەزكۇر پىلاننىڭ خىتاينىڭ، تېررىتورىيە جەھەتتە ئوتتۇرىسىغا كېڭىيىشتەك ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستاننى ئاگاھلاندۇرغان. مۇرات ئەۋىزوف بۇرۇنمۇ بىر قېتىم، ئۆكتىچى پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ قازاقىستاندىن تېرىقچىلىق ئۈچۈن يەر ئىجارىگە ئېلىش پىلانىنى بىكار قىلىۋەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت