تۇۋادىكى قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى قۇرۇش خىزمىتى توختاپ قالغان

رۇسىيىنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇرنىڭ يازلىق قەلئەسى پور - باجىننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش خىزمىتى ئۆتكەن يىلى توختىتىپ قويۇلغاندىن بۇيان، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇرنىڭ مىلادى 750 - يىللىرى ئەتراپىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ، تۇۋا رايونىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قۇرغان مەزكۇر قەلئەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنىڭدەك بۇ جايدا كەڭ كۆلەملىك ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر رۇسىيە ۋە خەلقئارادا مەلۇم دەرىجىدە قىزىقىش پەيدا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر قەلئەنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پور - باجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدە يەنە رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىمۇ مەخسۇس چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، پۈتۈن رۇسىيىگە تارقاتقان، بۇ جاينى ھەتتا سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
 
پور - باجىن تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە پور - باجىن قەلئەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرى بويىچە بىر رەھبەرلىك ھەم مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى، تۇۋا مىللىتىدىن بولغان شويگۇ، موسكۋا شەھىرىنىڭ باشلىقى لۇشكوۋ ھەمدە باشقا بىر قانچە مۇھىم دۆلەت رەھبەرلىرى كىرگەن ئىدى.

بۇ جايدا رۇسىيىنىڭ تۇۋا ۋە باشقا شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 600 دىن ئارتۇق ئارخېئولوگىيە ھەم تارىخ كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىسى رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم ئاتاقلىق ئالىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى يىل ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىپ، پور - باجىن قۇرۇلۇشىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى تامام قىلىنغان، ئەمدىكى نۆۋەت، قەلئەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش بولۇپ، ھەتتا قەلئەنىڭ مودېلىمۇ تەييارلانغان ئىكەن.

بىراق، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر ئىلمىي خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، قەلئەنى قايتا قۇرۇش ئىشىمۇ توختاپ قالغان بولۇپ، بۇ بەلكى ئىقتىسادىي كىرىزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدە پور - باجىندىن باشقا يەنە 17 قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى بارلىقى مەلۇم.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت