خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار مۇخبىر مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 20-دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ 5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىپ، 2010- يىلى 4 ‏-ئايدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ تېزلىكتە بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2010-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىر مۇھەممەتجان ئابدۇللانى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى نۇقتىسىدىن مەتبۇئاتتا ئەركىن بولۇش، مۇخبىرلارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىقلارغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، مۇخبىر مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

مۇھەممەتجان ئابدۇللا قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ھەم ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان سەلكىن تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، سەلكىن تور بېكىتىدە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك يازمىلارنى ئېلان قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت