خىتاينىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى: ئىككى يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مۆلچەرلەپ يەتكۈسىز زىيان كەلتۈردى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى يې لىن بۈگۈن قەشقەر يەرمەنكىسى ئاخبارات يىغىنىدا، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە قەشقەر رايونىدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى، ئىشلىرىمىزغا مۆلچەرلەپ يەتكۈسىز ئېغىر زىيان كەلتۈردى دېگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بۇ خىتاي ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە، ھازىر قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىققا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇ، يۇقىرىنىڭ 32 ماددىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرى ۋە 24 ماددىلىق قاتتىق قول بولۇش تەدبىرىگە ئاساسەن، يېزىلارغا ساقچى قويۇش، ئۇچۇرلارنى شەھەر بىلەن يېزىلاردا بىرلا ۋاقىتتا كونترول قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قوزغاش چارىسى يولغا قويۇلغاندىن كېين قولغا كەلگەن نەتىجە.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قەشقەر ۋالىسى بۇ قېتىم يەنە، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە قەشقەردە خىتاينىڭ كۈچمەن سىياسىتىگە قارشى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، مەسىلەن، 2011 - يىلىدىكى «ئوتتۇزىنچى ئىيول ۋەقەسى» ۋە 2012 - يىلىدىكى «يىگىرمە سەكىىزىنچى فېۋرال ۋەقەسى» قاتارلىق ۋەقەلەرنى، پاكىستاندا ھەربىي تەلىم ئېلىپ ئېتىش، پارتلىتىشنى ئۆگىنىپ كەلگەن تېررورچىلار پەيدا قىلدى دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلانى يەنە بىر قېتىم «تېررورچى» دەپ تىلغا ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت