ئۈرۈمچى دىئوپو خەلقئارا ئايرودرومى 20‏-ئىيۇلغا قەدەر يولۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنى 100% گە يەتكۈزمەكچى ئىكەن

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى دىئوپو خەلقئارا ئايرودرومى 20‏-ئىيۇلغا قەدەر يولۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنى 100% گە يەتكۈزمەكچى ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دائىرىلەر 2008‏-يىلى 5‏-ئايدىن تارتىپ دىئوپو ئايرودرومىدا يولۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش سىستېمىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بۇ سىستېمىنى كېڭەيتىشنى تېزلەتكەن.

ئىلغارلاشتۇرۇلغان يولۇچىلار ئۇچۇر سىستېمىسى، دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەكشۈرۈش سىستېمىسى يولۇچىلارنىڭ شەخسى ئارخىپى، ئارقا كۆرۈنۈشىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئايرودروم بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى يولۇچىلار ھەققىدىكى مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇچۇر ئامبىرى.

ئايرودروم بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سىستېما يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يولۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش 70% گە يەتكۈزۈلگەن.

ئايرودروم تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ لى پامىلىلىك بىر مەسئۇلى بۇنىڭ 20‏-ئىيۇلغا قەدەر 100% گە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر پونكىتنىڭ «جىنايەتچى، تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى» گە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئالدىنقى سەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ سىستېما ئارقىلىق يېقىنقى 6 ئايدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 9 ئادەمنى قولغا چۈشۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ئۇچۇر سىستېما ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي زاتلار، گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت