ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-06-01
ۋودىس خېنىم ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىلىشتىن قوغداپ قېلىشتا قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەردە بولۇشقا ئۈندىگەن ئىدى.
مىرىئام ج ۋود خېنىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر خەتنى كالىفورنىيىلىك ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى باربارا بوكسېر، دىئاننا فېيىنستېين ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دانا روھراباكېر قاتارلىقلارغىمۇ يوللىغان.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: "پرېزىدېنت ئوباما قەشقەرنىڭ قىممىتى، شىنجاڭنىڭ باي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالايدۇ. ئۇ سۆزلىسە كىشىلەر قۇلاق سالىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى بۇ ھەقتە سۆزلەشكە كۆندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلمەن" دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە،
ئىمزا توپلاش پائالىيىتى، مىرىئام ۋود خېنىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەرزىيەت تورىدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئىمزا قويغۇچىلار 1000 نەپەرگە يەتكەندە، ئىمزا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.