قەشقەردە 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە خانلىق مەدرىس چېقىپ تاشلاندى

قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەشقەر خانلىق مەدرىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ تۈزەش پىلانى بويىچە چېقىپ تاشلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

13 - ئىيۇن قەشقەردىكى ئۆي چېقىشقا مەسئۇل ئورۇنلار توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن خانلىق مەدرىسىنى چىقىشقا كىرىشكەن، گەرچە مەزكۇر مەدرىس نەچچە يۈز يىل بۇرۇن سېلىنغان ئىمارەت بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن مەزمۇت ساقلانغان بولغاچقا، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر مەسچىتنى چېقىش ئىشلىرى تۆت كۈندىن بۇيان داۋاملاشماقتا ئىكەن.

قەشقەر خانلىق مەدرىسى ئازنا مەسچىت بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەخمىنەن مىلادى 1625 ‏ - يىللىرى بەرپا قىلىنغان، قەشقەردە ھازىرغا قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان ئىسلام مېمارچىلىقىنىڭ نامايەندىسى شۇنداقلا بۇ مەدرىس 1933 - يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەن.

مەزكۇر مەدرىسە، قۇرۇلغان دەۋىرلەردىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، پەيلاسوپ، شائىرلار ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا،ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە داڭقى كەتكەن ئىلىم يۇرتى بولغان. مەزكۇر مەدرىسە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالەمشۇمۇل ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىم، ئۆلىمالىرىغا بىلىم بەرگەن مەدرىسە ئىدى.

ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەدرىس چېقىلغاندا ئۇنىڭ تېمىدا 1996 - يىلى ئېسىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن دېگەن ۋىۋىسكا بار ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت