قىرغىزىستان ئۆكتىچى گۇرۇھى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشقا قارشى چىقتى

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە،گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولغان قىرغىزىستان خەلق ۋەتەنپەرۋەرلىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قىۋانىچبېك يېقىندا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېفنىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش قارارىغا قارشى چىقىپ، مەزكۇر بازا قىرغىزىستاننى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىۋانىچبېك ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىش قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، بۇ، قىرغىزىستاننى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغدايدۇ."

قىۋانىچبېك باقىيېفنىڭ بازىنى تاقاش قارارىنى ئاقىلانە ئەمەس، دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ئامېرىكا بازىسى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرىنى چەكلەپ، قىرغىزىستاننىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىغا پايدىسى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ھاۋا ئىسسىسا ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئىدىيە بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ سىمۋولى دەيدىغان تونۇش بارلىقىنى، لېكىن قىرغىزىستاندا رۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېف يېقىندا ماناستىكى ئامېرىكا بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. باقىيېف بازىنى تاقاشنى جاكارلاشنىڭ ئالدىدا رۇسىيە قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان ھەربىي بازا كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، ش ئا ئو ئە ت دىكى 11 دۆلەت بىلەن ئىمزالىغان ھەربىي بازا توختىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بولسا قىرغىزىستاننىڭ قارارىدىن "ئەپسۇسلانغان"لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت