ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-23
نيۇيورك تايمىس گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مايكول شۋارتسنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى ئارقىسىدا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ماناس ئايرودرومىنى ناتونىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن سىناق خاراكتېرلىك كېلىشىم ئىمزالاشقا قوشۇلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قىزغىزستان دائىرىلىرى بۇ كېلىشىمدە، ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماناس ئايرودرومىنى دەرھال قوللانماسلىقىنى، بەلكى ئامېرىكا ئۇنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئاندىن قوللانسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قىرغىزىستان پالامىنت ئەزاسى بېگالى نارگوزۇيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېلىشىم جۈمە كۈنى قىزغىزستان پارلامېنتىدا ئاڭلىتىلىتىپ مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن ماقۇللىنىشى مۇمكىن.