قىرغىزىستان ئۆز تېررىتورىيىسىنى ئامېرىكىنىڭ پايدىلىنىشىغا بەرمەكچى

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر قادىربەك ساتبايېۋ 19 - ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ھەربىيگە مۇناسىۋەتسىز يۈكلەرنى ئۆز تېررىتورىيىسى ئارقىلىق يەتكۈزىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەرغانە.رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەتنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئاشكارىلىماي پەقەت قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا توشۇيدىغان ھەربىيگە مۇناسىۋەتسىز يۈكلىرىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قىرغىزىستاندىن پايدىلىنىشىغا قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ناتو نىڭ داۋاملىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ماناس بازىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ياكى قالماسلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىگەن.

بىراق، يېقىندا ئافغانىستان پرېزىدېنتى قىرغىزىستان پرېزىدېنتىغا ماناس بازىسىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يېقىندا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبەك باقىيېۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامائىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، ئوباما خەتتە، قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىغا ياخشى باھا بەرگەن ئىدى.

بۇ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىماسلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى بازىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىشىغا ئىلھام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە، ماناس بازىسىدا ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىمى بار بولۇپ، بىشكەك بازىنى تاقاش ئۈچۈن ئالتە ئاي مۆھلەت بەلگىلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە بىشكەككە ئىككى مىليارد دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت