ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-06-28
بۇ ۋەقەگە ئۇلۇنۇپلا، شەنبە كۈنى كەچتە قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىمى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزگەند رايونىدىكى قوش قورغان يېزىسىدا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، بىر قوراللىق گۇرۇپپا بىلەن ئېتىشىپ، ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
قىرغىزىستاننىڭ ئاكپرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى بۇلارنى يەنىلا ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق دىنىي رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن باغلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنى "ئالفا" دەپ ئاتالغان قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ئالاھىدە قىسىمى ئىجرا قىلغان ئىكەن.