قىرغىز ساقچىلىرى بىلەن ئۆزبېك پۇقرالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم ئۆلگەن

دۈشەنبە كۈنى، قىرغىز قىسىملىرى بىلەن بىر قىسىم ئۆزبېكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا ئىككى ئادەم ئۆلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇش قىرغىز قىسىملىرى ئوش شەھىرى يېنىدىكى نارىمان يېزىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى رويتېرسقا بەرگەن مەلۇماتىدا ۋەقەدە ئىككى ئۆزبېك پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئەمما بىر قىسىم كۆرگۈچىلەر ۋەقەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى خادىمى ئولې سولۋاڭ بەرگەن مەلۇماتىدا قىرغىز ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نارىماندا قورال - ياراق ئاختۇرغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىنى ئۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ۋەزىيەت بۇنداق جىددىي بولۇۋاتقان پەيتتە، ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بارغاندا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ قىرغىزىستاندا تىنچلىقنى قايتا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت پىلانى تۈزگەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت