جەنۇبىي قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشتا بۈگۈنگىچە ئۆلگەن ئادەم سانى 124 كە يەتكەن

بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشتا بۈگۈنگىچە ئۆلگەن ئادەم سانى 124 كە يەتكەن. توقۇنۇش رايونىدىن قاچقان 75 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبېك خەلقى ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا كىرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ئۆزبېكىستان مۇساپىرلارنى يەنە قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، مۇساپىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا خەلقئارا ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن، توقۇنۇش تېخىچە بېسىقمىغان ئوش ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا "جىددىي" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى توقۇنۇشقا ئالاقىدار چوڭ گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنى مەزكۇر توقۇنۇشلارنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ باشقۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىدى.

نۆۋەتتە بىلورۇسىيىدە پاناھلىنىۋاتقان باقىيېف يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەقەلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى ۋە جالالئاباد رايونى بۇ يىل 7 - ئاپرېل ئاغدۇرۇۋېتىلگەن سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. قۇرمانبېك باقىيېف ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جالالئابادتىكى قوللىغۇچىلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

10 - ئىيۇن كەچ سائەت 11 لەردە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىنىڭ ئوش شەھىرى ۋە قارا سۇ رايونىدا قىرغىز - ئۆزبېك مىللەتلىرى ئارىسىدا باشلانغان قانلىق توقۇنۇشنىڭ ھېلى ھەم داۋام ئېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تولۇق بەت