قىرغىزىستان پرېزىدېنت سايلىمىدا جەنۇب-شىمال توقۇنۇشى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەندىشە پەيدا قىلدى

قىرغىزىستان پرېزىدېنت سايلىمى يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىراق سايلامغا ئاز قالغاندا جەنۇبلۇق قىرغىزلار بىلەن شىماللىق قىرغىزلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقى، سايلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تەھدىت سېلىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئەندىشە قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى قاتاردىكى نامزاتلاردىن، جەنۇبلۇق قىرغىزلاردىن بولغان قامبىبېك تاشىيېف جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر سايلامدا ساختىپەزلىك كۆرۈلسە، «مىليونلىغان» كىشى قوزغىلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاشىيېفنىڭ تەھدىتىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن بىرى بولغان شىماللىق قىرغىزلاردىن باش مىنىستىر ئالمازبېك ئاتامبايېفقا قارىتىلغانلىقى ئېنىقتۇر. ئالمازبېك ئاتامبايېف، سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ ئاغدۇرۇلۇپ، قىرغىزىستان پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن باش مىنىستىرلىققا ئولتۇرغان تۇنجى ھۆكۈمەت رەھبىرى.

يەكشەنبە كۈنكى سايلامدا كىم غەلىبە قىلسا، ئۇ كېلەر يىلى كىرىشتىن بۇرۇن ئۆتكۈنچى پرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايېۋادىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. لېكىن سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى ۋە باشقا كاندىداتلارنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغان نامزاتنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقى يەنىلا ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

قامبىبېك تاشىيېف قوللىغۇچىلىرىنى ئەگەر سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن گۇمان قىلسا، سايلام نەتىجىسىنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، باش مىنىستىر ئاتامبايېف قىرغىزىستاندىكى سىياسىي مۆتىۋەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، شىمال بىلەن جەنۇب ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

بەزى ئانالىزچىلار ئاتامبايېف سايلانسا، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پارلامېنت باشلىقى ۋە باش مىنىستىرلىقنى تالىشىپ، بۇنىڭ يەنە ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت