قىرغىزىستاندا يېڭى ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلىش بويىچە ئاممىۋى بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈلدى

27 - ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستاندا يېڭى ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش بويىچە ئاممىۋى بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر رېفېرېندومنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى يېڭى ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق، روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ ئۆتكۈنچى دەۋردىكى پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى قىلماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېلەت تاشلاش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش بولغان ئوش شەھىرىدىكى بېلەت تاشلاشقا روزا ئوتۇنبايېۋا ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان.

قىرغىزىستاننىڭ 24.كگ ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى كەچكىچە بېلەت تاشلىغانلارنىڭ نىسبىتى 62 % كە يەتكەن بولۇپ، موسكۋا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى قىرغىزىستانلىقلارمۇ بېلەت تاشلىغان. قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رېفېرېندومنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ، قىرغىزىستاندا پارلامېنتلىق دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

27 - ئىيۇندىكى رېفېرېندومدىن ئىلگىرى بىشكەك، ئوش ۋە باشقا جايلاردا جىددىي كەيپىيات داۋاملاشقان بولۇپ، كىشىلەر بۇ كۈنىدە سابىق پرېزىدېنت باقىيېف تەرەپدارلىرىنىڭ يەنە مەسىلە پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى.

قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىقى مەلۇم. بىراق، ھازىرقى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئۆكتىچىلىك قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلار "ئوشتا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان ۋاقىتتا ئاممىۋى بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىش توغرا ئەمەس"، دەپ قارشى چىققان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت