ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-10-10
قىرغىزىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە ئىككى مىليون 800 مىڭ ئادەم ئۆزىنى تىزىملاتقان.
بۈگۈنكى سايلام نەتىجىسى ئارقىلىق قىرغىزىستان پارلامېنت دۆلىتى سۈپىتىدە قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى پارلامېنت ھەل قىلىدىغان، پرېزىدېنتنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان سىستېما ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلمەكچى. قىرغىزىستان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سايلامغا 55% ئادەم قاتناشقان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، بەزى سايلام پونكىتلىرىدا سايلامغا خىلاپ قىلمىشلار يۈز بەرگەن، سايلام مەيدانلىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن 7 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە 14 مىڭدىن ئارتۇق خەلق پىدايىسى ئىشقا سېلىنغان.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن بىرەر قالايمىقانچىلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە 2200 دىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرچە سايلام نەتىجىسى تېخى ئېنىق ئەمەس.