قىرغىزىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەھدىت ھېس قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

قىرغىزىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جەنۇبى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن تەھدىت ھېس قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيىدىن چىقىدىغان "سكوتىشمەن" گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، بېشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىلى جامالىدىن ناسىروۋ، بېشكەك شەھەر ئەتراپىدا 70 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قازاقىستانغا يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جامالىدىن ناسىروۋ يەنە، بەزى يوچۇن ئادەملەرنىڭ ئۇلار تۇرىدىغان مەھەللە تاملىرىغا تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش شوئارلىرىنى يېزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، جامالىدىن ناسىروۋ "ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلار مەھەللىمىزدە ئەندىشە پەيدا قىلماقچى. بىز ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمىغان بولساقمۇ، ئايال ۋە بالىلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بەزى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدۇق" دېگەن

ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن جەنۇبى قىرغىزىستان نۆۋەتتە نىسپىي مۇقىملاشتۇرۇلدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى روزا ئوتۇنبايېۋا 18 - ئىيۇن ئوش شەھىرىگە تىكئۇچار بىلەن بېرىپ ۋەزىيەتنى كۆزدىن كەچۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 400 مىڭ ئادەم مۇساپىر بولغان ۋە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2000 ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت