قىزىلسۇدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، رابىيە قادىرنى سۆكۈش تەشۋىقاتى ئائىلىلەرگىچە ئېلىپ بېرىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىزىلسۇ پارتكوم بىرلىك سېپى، "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى ھەر بىر كەنت ھەر بىر ئائىلىگىچە ئېلىپ كىرىش" شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە قىزىلسۇنىڭ ھەر بىر ناھىيە، يېزا، كەنتلىرىدە ھەر ساھە، ھەر كەسپ بۇيىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش كونكرېت تەربىيە پروگراممىسى بۇيىچە سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىققان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىزىلسۇدىكى بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتىنىڭ قاراتمىلىقى ئېنىق بولۇپ، خىتاينىڭ مىللىي ھەم دىنىي سىياسىتىنى ئۆگىنىش، ئولىمپىك ئالدىدا ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېررورىست ھۇجۇملىقىنى تونۇش ۋە تەنقىد قىلىش، رابىيە قادىرنى سۆكۈش، ھېزبۇل - تەھرىر قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توسۇش قاتارلىقلار بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئۆگىنىشتە بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك، خىتاينى پارچىلاش قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەنقىدلەش، تەھدىت قىلىش، پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە ئېلىش، ئوبرازىنى سەلبىلەشتۈرۈش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،دىنىي، ھەم مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا،تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى رابىيە قادىر" ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى " دېگەن بۈيۈك نام بىلەن ئاتالغاندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ قېتىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت