خىتاينىڭ "ئورتاق تىل" نى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى خىتايدا قارشىلىقلارغا ئۇچرىدى

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1956- يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان "ئورتاق تىل" نى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى خىتايدا ھەر خىل قارشىلىقلارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ "ئورتاق تىل" دا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى يەرلىكلەر كۆپ قوبۇل قىلمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭدۇڭ دىئالېكتى ۋە تىبەت تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قارشىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەيچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانى شاڭخەيدىمۇ بەزى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، شاڭخەيلىك پروفېسسور چەن نېيرۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەيگە قاراتقان تىل سىياسىتىنى ئازراق بوشىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلى شاڭخەيلىكلەر شاڭخەي تىلىدىن باشقىدا سۆزلىشىشنى رەت قىلغان ئىكەن.

بۇ يىل ئىيۇلدا گۇاڭدۇڭلۇقلار خىتاينىڭ "ئورتاق تىل" سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلغان بولسا، تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ تىبەت تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىغا قارشى نامايىش قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت