خىتايدا H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى يەنە بايقالدى

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋەرىگە قارىغاندا، شېنجېن شەھىرىدە 39 ياشلىق بىر خىتاي ئەرنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خوڭكوڭ دائىرىلىرى خىتايدىن توخۇ ۋە توخۇ گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان.

شىنخۇا ئاخباراتىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كىشى 21 - دېكابىر شېنجېننىڭ باۋئەن رايونىدا تەكشۈرۈلگەن ۋە قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، ياتاققا ئېلىنغان ئىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندىكى ئىككى مەكتەپتە دەرس توختىتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، H5N1 تىپلىق بۇ زۇكام ئادەمدىن ئادەمگە ئاسان يۇقمايدىغان بولۇپ، قۇشتىن ئادەمگە تىز يۇقىدىكەن.

بۇ زۇكام 1997 - يىلى خوڭكوڭدا تارقالغان ۋە 6 ئادەم مەزكۇر ۋىرۇستا ئۆلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت