رابىيە قادىر خانىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشماقچى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 10- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 10- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم نوبېل كومىتېتنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا بېرىپ مۇراسىمغا قاتنىشىدىكەن.

بۇ يىللىق مۇراسىمغا، سابىق نوبېل ساھىبلىرىدىن، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، چېخ پرېزىدېنتى ۋاسلوۋ خاۋېل قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇندا بىر نەچچە يىل نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت