رابىيە قادىر سودا سارىيىنى بىكارلاش سەل كېچىكتۈرۈلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى 5 - سېنتەبىرگىچە پۈتۈنلەي بىكارلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشلار تۈپەيلى بىنانى بىكارلاش سەل كېچىكتۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەرلىك ئۇيغۇرلار سودا ساراينىڭ چېقىلىشىغا قارىتا غەزەپ - نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىگەن.

فرانسىيە ئاخباراتى مۇخبىرى، بۇ ھەپتە ئاخىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بىنا ئاساسەن بىكارلىنىپ بولغان ئىكەن.

مۇخبىر مەزكۇر سودا ساراي ئىچىدە سودا قىلغان بىر سودىگەر بىلەن سۆزلەشكەن. نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر سودىگەر: " كوممۇنىست پارتىيە تېگى - تېگىدىن چىرىپ كەتتى" دېگەن. ئۇ يەنە بىنا ئىچىدە قېلىپ قالغان نەرسىلىرىنى ئالغىلى كىرگەندە غەزەپلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا: "ئۇلار رابىيە قادىرنىڭ ئىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرمەكچى" دېگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، سودا ساراي قوغدىغۇچىسى، مەزكۇر بىنانىڭ ئۇزۇنغا قالماي توپا دۆۋىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ياشىنىپ قىلغان بىر ئۇيغۇر كىشى مەزكۇر بىنانىڭ چېقىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەزەپ قوزغايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا دۆڭگىگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سودا سارىيىنى چېقىش قارارى چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت