ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-02-23
ئىككى يىغىننىڭ بىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي يىغىنى، يەنە بىرسى بولسا 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش يىغىنى. رابىيە خانىم بۇ ئىككى يىغىندا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادالەتسىز سوتلىنىش ۋە ئېغىر جازالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى جەنۋە سەپىرىدە يەنە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ھەققىدە مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كۆرىشىدۇ.
رابىيە خانىم ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە ، گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.