ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-03-03
مىيۇنخېندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئابلىمىت تۇرسۇن قاتارلىق سەپداشلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ ھەمراھلىقىدا شىۋېتسارىيىدە زىيارەتتە.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋېتسارىيىدىكى زىيارەت كۈن تەرتىپىدە جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى، شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، شىۋېتسارىيە پارلامېنتى، شىۋېتسىرىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى، خەتەر ئاستىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسارىيە شۆبىسى، شۋېتسارىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە سىياسىي - ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بار.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، رابىيە خانىم بۈگۈنكى زىيارەت پىلانىنى نەتىجىلىك تاماملىغان. ئۇ يەنە بۈگۈن ئاخشام شىۋېتسارىيىنىڭ نوپۇزلۇق رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقچى. رابىيە قادىر قادىر خانىمنىڭ شىۋېتسارىيىدىكى زىيارىتى يەنە بىرقانچە كۈن داۋاملىشىدۇ.