رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا يەتكۈزۈدىغان تەمىناتنى رۇسىيە زىمىنىدىن ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلدى

رۇسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋرۇف بۈگۈن ئافغانىستاندىكى ناتو قوشۇنلىرىنىڭ تەمىنات سېپى ھەققىدە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار سۆھبەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيە TV ئىستانسىلىرىغا 'رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان يېقىلغۇ، يېمەك، دورا قاتارلىق تەمىناتلىرىنى رۇسىيە زىمىنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى' دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر ئافغانىستانغا كەڭ كۆلەمدە ھەربى كۆپەيتىۋاتقاندا، شۇنداقلا پاكىستاندىكى تالىبانلار ھەدەپ ئامېرىكا، ناتو قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغاۋاتقاندا، قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىنى تاقىماقچى بولغانلىقى، گەرچە قىرغىزىستان پارلامېنتى تېخى بۇ ھەقتە ئەڭ ئاخىرقى قارارنى ماقۇللىمىغان بولسىمۇ، بۇ، ئامېرىكا ۋە ناتو قوشۇنلىرى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت