رۇسىيە ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىلىرى رۇسىيە-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقتى

رۇسىيىدىكى "يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى" دەپ ئاتالغان مەخسۇس رۇسىيىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشكىلات رۇسىيە-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئالتاي رايونىدىكى پۇقرالار رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىكتە پات ئارىدا باشلايدىغان رۇسىيە-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتاي رايونىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مۇھىتى، ئېكولوگىيىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە گېئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

پىلان بويىچە مەزكۇر تۇرۇبا رۇسىيىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن فېدېراتسىيە كېلىشىمىگە قول قويغان بىر مىللىي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، بۇ يەردە ئاساسلىقى ئۆزلىرىنى "ئالتاي كىشى" دەپ ئاتايدىغان تۈركىي خەلقلەر ھەمدە رۇسلار ياشايدۇ.

ئالتاي رايونىدا مەزكۇر تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى نارازىلىقلار خېلى ۋاقىتلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت