رۇسىيە ھىندىستانغا يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشكە قارار قىلدى

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى قورال - ياراق سودىسى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە داۋاملىق تۈردە ھىندىستاننى ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە بىلەن ھىندىستان يېقىندا رۇسىيىنىڭ 42 دانە "30 مك" تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش ھەققىدە توختاملاشقان بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن ئۈچ يېرىم مىليارد دوللارغا يېقىن ئىكەن.
 
ھىندىستان ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلغار قوراللار ۋە ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى خېرىدارى بولۇپ كەلمەكتە، بۇ ئەھۋال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېتىبارەن باشلانغان. ھىندىستان ئارمىيىسى رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللانغاندىن سىرت يەنە تېخنىكا جەھەتتىنمۇ يېڭىلاش ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىم رۇسىيە مەخسۇس ھىندىستان ئۈچۈن "30 مك" تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ياساپ بەرگەن بولۇپ، بۇلار ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپلانلاردىن ھېسابلىنىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە، ھىندىستاننىڭ ئىلغار قوراللار جەھەتتە خىتايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت