رۇسىيە ئىراننى ئاگاھلاندۇردى

شەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ گېرمانىيە سەپىرىدە جەريانىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە ئىران مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئىران رەھبەرلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ھەمدە مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلارنى توختىتىشقا چاقىرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ يەنە، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو قوللىنىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ "ھېچ كىم ئېمبارگو قوللىنىشنى خالىمايدۇ، بىراق، بەزىبىر ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم ئېمبارگو قوللىنىش لازىم، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى كېلىشىم ئاللىقاچان پۈتۈشۈلدى" دېگەن.

رۇسىيە رەھبىرىنىڭ بۇ خىل قاتتىق مەيدانىغا نىسبەتەن ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاتمۇ ئىنكاس قاتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن ئىران مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىدىن چىقىش قىلىشى لازىملىقى، چۈنكى ئىران بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا يادرو ساھەسىدە زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەسلىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىراننىڭ ئۇران تاۋلىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانىغا ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، يېقىندا رۇسىيىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئامېرىكا باشلىق بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى قوللىغان. بۇ ئەھۋال ئىراننى نارازى قىلغان ئىدى.

تولۇق بەت