رۇسىيە قىرغىزىستاندا يەنە بىر ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىن

رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كونترول قىلىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ۋىكتور ئىۋانوف رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاندا مەخسۇس زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ھەربىي بازا قۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئېلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ۋىكتور ئىۋانوف مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: "مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدە ھەربىي بازا قۇرۇش كېرەك. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ بازا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بۇ ئەلگە كىرىشىنى توسۇشتا ئۈنۈم بېرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
 
ئىۋانوف يەنە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئافغانىستاندىن قىرغىزىستانغا كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
 
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە پارلامېنتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سېمىيون باگداساروف رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىكى قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

بۇ قېتىمقى ئوش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىن ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بىراق بۇ تەلەپ رەت قىلىشقا ئۇچرىغان ئىدى. ھازىر، رۇسىيىنىڭ بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى كانت شەھىرىدە ھاۋا ئارمىيە بازىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ نۆۋەت رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر باتاليون پاراشۇتچى قوشۇننى مەزكۇر بازىنى قوغداش ئۈچۈن بىشكەككە ئەۋەتكەن ئىدى.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت