رۇسىيە - خىتاي دائىرىلىرى كېلەر ئايدا مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

xرۇسىيە دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى كېلەر ئايدا، خىتاي بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، مانېۋىر خىتاي ۋە رۇسىيە زېمىنلىرىدا بەش كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان رۇسىيە ئارمىيىسى مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال سېرگىي ئانتونوف، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي ئۆمەك باشلىقلىرىنىڭ 1300 كىشىلىك بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە مانېۋىرغا 20 دانە رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قۇشۇمچە قىلغان.

يىللاردىن بۇيان مەزكۇر ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقىسى " تىنچلىق بۇرچى 2009" دەپ ئاتالغان.

" تىنچلىق بۇرچى" ناملىق مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قالقىنى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مانېۋىرغا تەشكىلاتنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى ئاز ساندا كۆزەتچى قىسىملارنى ئەۋەتكەندىن سىرت، مانېۋىرنى ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە خىتاي باش بولۇپ ئېلىپ بارىدۇ.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت