ۋېلادېمىر پۇتىن شەرقىي سېبىرىيە - تىنچ ئوكيان نېفىت تۇرۇبىسىنى ئېچىۋەتتى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادېمىر پۇتىن بۈگۈن، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيىدىكى سكوۋوردىنودىن تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان نېفىت تۇرۇبىسىدىكى توساقنى كۆتۈرۈۋەتكەندە، خىتاينى خۇددى رۇسىيىنىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم نېفىت خېرىدارلىرىغا ئوخشاش مۇھىم خېرىدارى دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپاغىلا تۇرۇبا ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلىپ تۇرغان ئىدى.

پۇتىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، بۇيىل 12 - ئايدىن كېيىن يەنە، رۇسىيىنىڭ شەرقىي سېبىرىيە - تىنچ ئوكيان نېفىت تۇرۇبىسى خىتاي، ياپونىيە، ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچىلىرىدىنمۇ كۆپ نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدۇ، دەپ جاكارلايدىكەن.

شۇنداقلا يەنە، مۇشۇ نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ بىر تارمىقىنى، يىل ئاخىرىغىچە سېبىرىيىدىن خىتاينىڭ داچىڭ شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، بۇ لىنىيە ئارقىلىق ھەر يىلى خىتاي نېفىت شىركىتىگە 15 مىليون توننا نېفىت ئېكسپورت قىلىشقا باشلايدىكەن.

تولۇق بەت