رۇسىيىدە ئىككى ئادەم خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئېلىندى

روسىيە دائىرىلىرى بۈگۈن ئىككى پۇقراسىنى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئالدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سياتوسلوۋ بوبىشېۋ ۋە يېۋگېنىي ئافاناسيېۋ ئىسىملىك بۇ ئىككىيلەن سان پېتېرسبورگتىكى ۋونمېخ ئۇنىۋېرسىتېتى راكېتا ۋە ئالەم كېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ روسىيە ھەربىي ساھەسى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى پروفېسسور ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى بويىچە خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇرغان ئىكەن.

روسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇلارنى "دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىپ، جاسۇسلۇق قىلىش" جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. ھازىر بۇ ئىككى تەتقىقاتچى روسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسى - لېفورتوۋو تۈرمىسىدە تەكشۈرۈلمەكتە.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقە ۋونمېخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. روسىيە ساقچى دائىرىلىرى ھازىر بۇ ئىككىيلەن ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ جىنايىتى دەلىللەنسە، ئۇلار 20 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت