جاڭ چۈنشيەننىڭ ساقال-بۇرۇت ئەركىنلىكى ئۇقتۇرۇشى پوسكامغا يېتىپ بارالمىغان

پوسكام ناھىيىلىك قاتناش بېكىتى بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇزۇن ساقال قويغانلارنىڭ ۋە روپاش ئاياللارنىڭ بېكەتكە كىرىشىگە ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇقتۇرۇشنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشى بىرقانچە كۈندىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فەيس بۆك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈلۈپ تارقالماقتا. رەسىمدىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بېكەت بۇ ئۇقتۇرۇشنى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىگە ئاساسەن چىقارغان. گەرچە بۇ تۈردىكى ئۇقتۇرۇشلار بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم بايقىلىپ، ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، بۇلتۇر مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ ساقال-بۇرۇت ۋە روپاش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى بۇيرۇغان.

پوسكام ناھىيىسىدە مەزكۇر چەكلىمىنىڭ تېخى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى، جاڭ چۈنشيەننىڭ ساقال-بۇرۇت ئەركىنلىكى ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكىنىڭ راستلىقى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلسا، يەنە جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر ھۆججىتىنىڭ تۆۋەندە ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقىمۇ تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت