ساقچى خىزمىتىنى باھالاشقا ئىشىك ئېچىش پائالىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى" گە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن

خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى "كەڭ كۆلەملىك يوقلاش" ئارقىلىق ساقچى خىزمىتىنى باھالاشقا ئىشىك ئېچىش پائالىيىتى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئېلىدە "تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى" گە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر ھەرىكەت بۇ يىل 2-ئايدىن 5-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى "كەڭ كۆلەملىك يوقلاش" ئارقىلىق ساقچىغا ئىشىك ئېچىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "يوقلاش" خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىكەن. مەزكۇر گۇرۇپپا يەنە ئامما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ "يوقلاش" ۋە " قاتتىق زەربە بېرىپ؛ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش" خىزمەتلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئاڭلايدىكەن.

ھالبۇكى، ساقچىغا ئىشىك ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا باستۇرۇش ياكى خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى جۇ چاڭجىيې "يوقلاش" خىزمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن "ئوخشاش ۋاقىتتا رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساقچىلاردىن يوقلاش ۋە ئىشىك ئېچىش خىزمىتىنى تېررورلۇققا قارشى تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى."

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تېخى يېقىندىلا "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى باشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت