خىتاي سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزۈشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدە تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، پيوڭياڭنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى، جۈمە كۈنى سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇردى.
مۇھبىرىمىز ئەركىن
2010-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لېي خوڭ جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "بىز بۇ مەسىلىدە ئىزچىل ۋە ئېنىق مەيداندا تۇرىمىز. بىز ھەر قانداق تەرەپنىڭ بىزنىڭ ئىقتىسادى رايونىمىزدا بىزدىن رۇخسەتسىز ھەر قانداق ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرىمىز"دېگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھەتتا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ " ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك ھەر قانداق ھەربىي مانېۋىرغا قارشى تۇرىدىغانلىقى " نى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدىن دەرھال ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ، شىمالىي كورىيىنى تەنقىد قىلىشنى، ئۆز تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى توساشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي تەرەپ توسۇشنى رەت قىلىپ، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلەشكەن. جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى پەيشەنبە كۈنى يۇنيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە ئارالغا جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىدىن 4 مىڭ كىشىلىك ئەسكەر يۆتكىگەن ۋە شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم تېيۇڭنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان سابىق شتاپ باشلىقى كىم ۋەنجىننى تەيىنلىگەن.

تولۇق بەت