شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى يىغىنى سانكىتپېتېربۇرگدا ئېچىلدى

6-نويابىر كۈنى رۇپىيىنىڭ سانكىتپېتەربۇرگ شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

ببس نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن سىرت يەنە ۋېن جياباۋ بىلەن پۇتىن ئىران بىلەن پاكىستاننى بۇ تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان.

نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچى سالاھىيەتتىكى مەملىكەتلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش، يەنە تۈركىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتكە كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بېرىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىختىلاپلار مەۋجۇتلۇقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت